خىتاينىڭ لوپنۇردا يادرو سىنىقى مەيدانىنى كېڭەيتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇردىكى يادرو سىناق مەيدانىنى يېڭىلاپ كېڭەيتكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى يادرو سىنىقى مەيدانىدا يادرو سىنىقىنى قايتا قوزغاتقانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ يېڭى يادرو قوراللىرى رىقابىتىنى قوزغىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي لوپنۇر ناھىيەسىدىكى يادرو سىنىقى مەيدانى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايدىكى ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتكەن. يادرو سىناق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا يېڭى يوللار ياسالغان بولۇپ، تەخمىنەن 120 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھەربىي بازىغا تۇتىشىدىغان يول يېقىندا رېمونت قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، تاغ باغرىغا يوشۇرۇنغان بۇرغىلاش ئۈسكۈنىلىرى بايقالغان بولۇپ، يېڭى تونېل قېزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، چوڭقۇرلۇقى 500 مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى تونېل يېڭى قۇرۇلغان يەر ئاستى يادرو سىناق مەيدانىغا تۇتىشىدىكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، لوپنۇر سىناق مەيدانىنى قايتا قۇرۇش ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى قورال-ياراغ رىقابىتىنى قوزغىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىنىڭ قايتا قوزغىتىلىشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، تارقالغان خەۋەرنىڭ ئۆسەك سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاي يادرو قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش ۋە پۈتۈنلەي بىكار قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باھالىشىچە، خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا يادرو قورالى ئامبىرىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە 500 گە يېقىن يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي 1964-يىلى لوپنۇر تۇنجى قېتىملىق يادرو سىنىقى قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1996-يىلىغىچە يەر ئاستى تونېلىدا جەمئىي 45 قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى نەتىجىسىدە، لوپنۇردىكى ئۇيغۇر خەلقى يادرو بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ، ئېچىنىشلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4146 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2023 17:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق