ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى جۈمە 2024-يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، مەزكۇر لايىھە خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان 56 مىليارد دوللارلىق، ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق مۇداپىئە خامچوتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئامېرىكا ئاۋازى)