بالىلار لاگېرىدىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان ئىچكى ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى

بالىلار لاگېرىدىكى يۈرەكنى ئېزىدىغان ئىچكى ئەھۋاللار ئاشكارىلاندى
14-ئۆكتەبىر ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە يوللانغان بالىلار لاگېرىدىن سىنغا ئېلىغان كۆرۈنۈش يۈرەكلەرنى ئەزدى.
مەزكۇر سىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلار لاگېرلىرىدىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ لاگېرلارغا «سۆيگۈ، پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ چىرايلىق ناملار ئارقىسىدا 21-ئەسىرىدىكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە يات بولغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
لاگېردىكى بالىلار بەش ياش ئەتراپىدا بولۇپ، بالىلارنىڭ يىغا-زارى ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ. ئاتا-ئانا مېھرىدەخۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ھوقۇقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنغان بالىلارنىڭ زالدا قويۇپ بېرىلگەن ئويۇنچۇقلارغىمۇ قارىماستىن، ئۆكسۈپ يىغلاشلىرى كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ.
بۆلۈمىمىزگە يوللانغان يەنە بىر سۈرەت شەرقىي تۈركىستاننىىڭ قەشقەر شەھىرىگە تەۋە خاڭدى يېزا سۆگىتاغ 3-كەنتتىكى مەلۇم بالىلار لاگېرىدا تارتىلغان بولۇپ، بالىلار بىردەك خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن ۋە خىتايچە ناخشا ئېيتىشقا مەجبۇرلانغان.
ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، لاگېرلاردا بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى چەكلىنىپ، خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغان. بالىلار لاگېرىنىڭ تاملىرى «ۋەتەننى سۆيۈشنى سۆزدىن باشلاش كېرەك» دېگەندەك شوئارلار بىلەن تولغان. لاگېرىنىڭ مۇھىتىمۇ ناچار بولۇپ، بالىلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ يەڭلىرى يىرتىق، بەزىلىرىنىڭ ئايىغىنىڭ چەمى يوق، بەزىلىرىنىڭ پاشنىسى يوق، بەزىلىرىنىڭ ئۇچى تۆشۈك بولۇپ، ئىنتايىن بىچارە ئەھۋالدا ئىكەن. بۇ بالىلارنىڭ ھالىتى كىشىگە كونا جەمئىيەتنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئەسلىتىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1080 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق