خىتاي ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە چاقماي قالدۇرۇپ قويغان مەسچىتلەرنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 22-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ھېكايىسى» نامىدا قىسىملىق تەشۋىقات پىروگراممىسى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ «مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى»دىن مەلۇم مەقسەت بىلەن قالدۇرۇپ قويۇلغان ئاز ساندىكى مەسچىتلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

خوتەن شەھىرى ناۋاغ كوچىسىغا جايلاشقان جامە مەسچىتىنىڭ خاتىپى ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز خىتاينىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە: «مەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جامە مەسچىتى 1848-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئىلگىرى مەسچىتنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پەقەت نەچچە ئون كىۋادرات مېتىرلىق ناماز ئوقۇش زالىدا قىستىلىشىپ ناماز ئوقۇغىلى بولاتتى. نۆۋەتتە جامەدىكى ناماز ئوقۇش زالىنىڭ كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى، سۇ، توك يەتكۈزۈلدى. روزا تۇتۇش، دىنىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق نورمال دىنىي پائالىيەتلەر پۈتۈنلەي شەخسنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولۇپ، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمى 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىدە ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ئۇندىن باشقا دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەر تولۇق چەكلىنىپ، خەلق ئىسلامدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى.

خىتاي رېجىمى يەنە 20-دېكابىر ئاتالمىش «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جار سالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي، مىللىي قىممەت-قاراشلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قىسقىسى ئۇلارنى خىتاي ئالدىدا روشەن پەرقلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بارلىق نەرسىسىدىن ئايرىپ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ھەرقانداق تەرىقىدە ئېتىراز بىلدۈرگەن ياكى بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4276 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2023 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق