خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك قەرز كىرىزىسى داۋاملىق كېڭىيىش سەۋەبلىك، يەنە بىر قانچە چوڭ شىركەت نىيۇيوركتا ۋەيران بولۇشنى قوغداش ئارخىپىغا ئىلتىماس قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭجۇدىكى ئاساسلىق ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئاۋيۈەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىركەتنىڭ قەرزىنى قايتا تەشكىللەش جەريانىدا، دەۋا ۋە ھېسابات ئېنىقلاشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك سوتىغا ۋەيران بولۇشنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلغان.
خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى كىرىزىسنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەنە بىر چوڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنىنىڭ 15-بابىغا ئاساسەن نىيۇيورك سوتىغا ۋەيران بولۇشنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلغان. ئىلگىرى خىتاينىڭ خېڭدا گۇرۇھى، سۇناك، كەيسا گۇرۇھى، زامانىۋى ئۆي سېتىۋېلىش گۇرۇھى، روڭشېڭ تەرەققىياتى قاتارلىق شىركەت ۋە گۇرۇھلار قەرز كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا سوتىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
نىككى ئاسىيانىڭ 22-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋيۈەن شىركىتى 21-دېكابىر نىيۇيورك سوتىغا ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن، بۇنداق بولغاندا ھەقدارلار سوت جەريانىدا قەرزدار ئۈستىدىن ئەرز قىلالمايدىكەن ياكى قەرزدارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالالمايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ