خىتاي ساقچىلىرى 34 مىڭ تور ھېسابىنى تاقىدى

خىتاي ساقچىلىرى ئاتالمىش «ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا 34 مىڭ تور ھېسابىنى تاقىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 4-ئايدا ئاتالمىش «ئىنتېرنېتتىكى ئۆسەك سۆزلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي ساقچىلىرى 34 مىڭ تور ھېساباتىنى تاقاپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 6300 ئادەمنى جازالىغان. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يەنە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، 2024-يىلىنى توردىكى ئاتالمىش «ئۆسەك سۆزلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئالاھىدە ھەرىكەت يىلى» قىلىپ بېكىتكەن.

خىتاي رېجىمى خەلقنىڭ تور ئىشلىتىشىنى ئەزەلدىن قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ تور ھېساباتىنى تاقاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېڭىغا ماس كەلمەيدىغان ياكى خىتاينى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇنلارنى چەكلەپ كەلمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ «تاقاش ھەرىكىتى» خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 22-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن خىتايدىكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تەشكىللەپ، ئاتالمىش «100 كۈنلۈك توردىكى ئۆسەك سۆزلەرگە زەربە بېرىش» پائالىيىتىنى باشلاپ، يالغان ساقچى ئۇچۇرلىرى، يۇقۇم ئەھۋالى قاتارلىق قانۇنسىز ۋە جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى، نۆۋەتتە پۈتۈن ج خ تارمىقىدىكى ئورگانلار 4800 دىن ئارتۇق توردا ئۆسەك سۆز تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، 6300 دىن ئارتۇق ئادەمنى جازالاپ، 34 مىڭ تور ھېسابىنى تاقىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1318 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2023 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق