كانادا پارلامېنت ئەزالىرى ياشانغانلار فوندىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

كانادا پارلامېنت ئەزالىرى كانادا ھۆكۈمىتىدىن ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ئاۋام پالاتاسى كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئالاھىدە كومىتېتى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كانادانىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، چىرىكلىك ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشقا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر قوللىنىش تەكلىپىنى بەرگەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ بۇ ھەپتە ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتىدا، ئوتتاۋانىڭ ئىشتاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كانادانىڭ ئاممىۋى كۈتۈنۈش پىلانىغا مەبلەغ سېلىش مەنئى قىلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈشكە ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا بولغان ئاشكارىلاش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان. ھۆكۈمەت مەزكۇر تەلەپكە 120 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىللىق خامچوت پىلانىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، قانۇنىي ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2024-يىلىغىچە ئۆزگەرتىلگەن قانۇننى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كانادانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان ئامىللارنى چىقىرىپ تاشلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان. دوكلاتتا ب د ت ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1615 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2023 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق