22-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتى ئائىلىسى ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن ھەبىبۇللا قارىھاجىمنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە پەرز بولغان ئىسلامىي ۋە مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتە ئۈچ مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، شۇنداق ھالەتتە تۇرۇپ دەۋا مەيدانلىرىنىڭ قۇرۇق قېلىۋاتقانلىقىنى، 90 پىرسەنت ئۇيغۇرنىڭ دەۋانى تاشلاپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ سۆزىدە يەنە 20 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نوپۇس ماتېرىيالىنىڭ ئىشلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا كود قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئىراقتىكى ئەسىرلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى توختاتمىغاندىن باشقا، تايلاندتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىردا يۇقىرىدا قىلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈمىدنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىشلىگەن فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلدى. ئۇ مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىدە نە بىر ئىقتىسادىي مەنبە، نە بىر دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم پىداكىرانە روھ بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، ئەنە شۇ روھ بىلەن ھەرىكەت قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشقا ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن جەريانىدا ئىبراھىم سىدىق ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام تەكلىماكان يازغان «يىغلىدىم» شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ غايىسى ۋە ئىدىيەسىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن كېيىن، مىللەت ئۇقۇمى ۋە مىللەت مەنسۇبىيىتى مەسىلىسىنى ئىسلامىي نۇقتىدىن چۈشەندۈردى.
ئارقىدىن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سۆز قىلىپ، ئۇستاز مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن شارائىتلاردىكى جۈرئىتى ۋە ھەر قانداق قىيىن ئىشلاردا ئۈمىدۋار بولۇش روھىنى تىپىك مىساللار ئارقىلىق تونۇشتۇردى ۋە بۇ روھتىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قانداق قەدەم باسقانلىقىنى، تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن تونۇشقانلىقىنى، ئۇستازنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، سەمىمىيىتىدىن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا تەشكىلات رەھبەرلىرى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە تەلەپ ۋە تەنقىدلىرىنى ئاڭلىدى.
يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئازاد بولۇشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ