خىتاي رېجىمى «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش» باھانىسى بىلەن، سىيرەك توپا پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 22-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردىكى سىيرەك توپا پىششىق ئىشلەيدىغان خىتاي خىتاي ئاساسلىق تېخنىكا ماتېرىياللىرىنى ئېلىش ۋە ئايرىش تېخنىكىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەن. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىستراتېگىيەلىك مېتاللارغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۇرۇنۇشى دەپ قارالغان.
سىيرەك توپا توكلۇق ئاپتوموبىل، شامال چاقپەلىكى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە قورال-ياراغلارغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ چەكلەش ھەرىكىتى سىيرەك توپا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي سىيرەك توپا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىنى ئاساسەن مونوپول قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ