ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام دۇنياسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىسلامغا قارشى تۇرۇش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن 8-دېكابىردىن باشلاپ ھىندونوزىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەرە بولدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك ھەيئەت ھىندونوزىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئالدى بىلەن ھىندونوزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىدە ھىندونوزىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي باستۇرۇشلار ھەققىدە لېكسىيە بەردى.
9-دېكابىر ھەيئەت يوگياكارتا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ياشلار تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
11-دېكابىر ھەيئەت يەنە ھىندونوزىيەنىڭ ماخاسسار شەھىرىدە مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.
ھەيئەت يەنە 12- دېكابىردىن 14- دېكابىرغىچە ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادا يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۈچ مەيدان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
ھىندونوزىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (KAHMI)، ھىندونوزىيە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىېتى ۋە پارامادىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.
ھىندونوزىيە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدا «كۇڭزى ئىنىستىتۇتى» تەسىس قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيىتى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
بۇ پائالىيەتكە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندىن ياكى توردىن قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىر قىسىم سەزگۈر سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ھەيئەت يەنە
15-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە ھىندونوزىيەنىڭ باندۇڭ ۋە مەدان شەھەرلىرىدە يەرلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ يېڭىدىن بىر قاتار ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
ھىندونوزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «پەرسىس»نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننى بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان ھىندونوزىيەلىك ئەززام مۇجاھىت ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسچىتتە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلىپ: «مەن ئۇيغۇرلارغا: ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دېسەم، ئۇلار ‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام› دەپ جاۋاب بېرەلمىدى. چۈنكى بۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن» دېگەن ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ھەيئەت سۆزلەپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دەلىللىگەن.
بارلىق يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلاردا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىنىڭ ھىندونوزىيەچە نۇسخىسى تونۇشتۇرۇلغان ۋە تارقىتىلغان.
16-دېكابىر يەنە مەزكۇر شەھەردىكى ئەلغىفارى (Alghifari) ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر مەيدان خەلقئارالىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
18-دېكابىر ھىندىنۇزىيەنىڭ يەنە بىر شەھىرى مەدانداكى نۇسانتارا ئەل ۋاشلىيا مۇسلىم ئۇنىۋېرسىتېتدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يەنە بىر مەيدان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا توققۇز تەشكىلات ياكى ئورگان بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىندا ۋاشلىياھ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ماسغۇرى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى دوكتور فىرمانسىياھ ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندونوزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاسترىد ناديا رىسقىتا قاتارلىقلار سۆز قىلغان.
ھەيئەتنىڭ ھىندونوزىيەدىكى پائالىيەتلىرى خىتاي رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن مابەينىدە ھىندىنوزىيەدىكى خىتايپەرەست مىدىيالار ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان خەۋەرلەرنى كەينى-كەينىدىن تارقاتقان بولۇپ، بۇ يەتمىگەندەك ھەيئەتنىڭ جاكارتا شەھىرىدە 18-19-دېكابىر كۈنلىرىدىكى پائالىيەتلىرى ئاخىرلىشاي دېگەندە ھىندونېزىيەدىكى خىتايپەرەسلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھىندونېزىيەدىكى بەش شەھەردە 10 مەيداندىن ئارتۇق ئاڭلىتىلغان دەۋايىمىز 18- 19-دېكابىر كۈنلىرى بىر قىسىم خىتايپەرەس ھىندونېزىيەلىك خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى قوللاپ شوئار توۋلاپ، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ ھىندونېزىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابىنى كۆيدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىنغان پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى بولغانلىقىنىڭ ۋە خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر