ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۈسكۈنىلىرىنى قانداق سېتىۋالىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا تارماقلىرى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدا باشلىنىدىغان تەكشۈرۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى كۈچەيتىش، ئەنئەنىۋى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاي شەكىللەندۈرگەن بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو: «پەقەتلا ھۆكۈمەتكە تايىنىۋېلىش كۈچلۈك تەمىنلەش زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقالمايدۇ ۋە ساقلاپ قالالمايدۇ، بۇ ئىشقا بىز كەسپىي ساھەدىكى كىشىلەرمۇ قاتنىشىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پارلامېنت كومىتېتى 12-دېكابىر بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان. دوكلاتتىكى 150 تەۋسىيە ئىچىدە، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلگەن.
رايموندو ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، بىز خىتاينىڭ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەتلىشىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن ئالامەتلەرنى كۆردۇق» دېگەن.
رايموند يەنە: «ئامېرىكىنى بازا قىلغان شىركەتلەر يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سېتىش تىجارىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما نۆۋەتتە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئاشۇرۇش سەۋەبىدىن كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ