خىتاي بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كېڭىشىشى غەرب ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرى 22-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى 20-دېكابىر بېيجىڭدا 22-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 21-دېكابىر بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىش جەريانىدا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە كېلىشكەنلىكىنى، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر مۇناسىۋىتىنى «ھەرقايسى ساھەدە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان مۇناسىۋەت بولدى» دەپ خۇلاسە قىلغان بولۇپ، رۇسىيەدىن كەڭ دائىرىدە ئېنېرگىيە سېتىۋېلىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش ئارقىلىق رۇسىيەنى نەچچە يۈز مىليارد دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقا قوش قوللىنىشچانلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1700 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2023 14:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق