خىتاي رېجىمى 20-دېكابىر ئاتالمىش «شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىلىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
خىتاي يەر شارى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىتاب خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش» توغرىسىدىكى تۇنجى كۆك تاشلىق كىتابى ئىكەن.
مەزكۇر كۆك تاشلىق كىتاب ئومۇمىي دوكلات، مەخسۇس تېمىلىق دوكلات، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە ئايرىم مىسال تەتقىقاتى، كىشىلىك ھوقۇققا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە تەرەققىيات-ئىلگىرىلەش تەتقىقات مەركىزى، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى ئورتاق تەييارلىغان.
ئاتالمىش كىتابتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلگىرىكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت بىر قاتار سەپسەتىلەر كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىلمىي ئاساستىن قىلچىلىك نېسىۋىسىنى ئالالمىغان مەزكۇر كىتابتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان كۆپلىگەن مىساللار تىلغا ئېلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە بۇ كىتابنى بازارغا سېلىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئاتالمىش مۇتەخەسسىس، ئالىملار پۈتتۈرگەن «تەتقىقات دوكلاتى» ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ