دوكلات: غەززەدىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئوخشىشى يېقىنقى زاماندا كۆرۈلمىدى

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC 20-دېكابىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، غەززەدىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئوخشىشىنىڭ يېقىنقى زاماندا كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھاماس سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئۇرۇش توختىتىلغان يەتتە كۈننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 گە يېقىن ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىنىڭ دىرېكتورى رىچارد برېننان ھاماس سەھىيە دائىرىلىرى غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. غەززەدە نۇرغۇن دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغان ساندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، مەزكۇر سانلار ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلمىغان جەسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

دوكلاتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى تەتقىق قىلىدىغان پىروفېسسور مايكېل سپاگات نىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غەززە ئۇرۇشى ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تېز بولغان بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئۇ تەتقىق قىلغان 2003-يىلدىكى ئىراق ئۇرۇشى، كولۇمبىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرۇش ۋە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇشلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ۋە شىددەتلىك بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2008-يىلدىن بۇيانقى غەززەدە يۈز بەرگەن ئۇرۇش، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ۋە ئۆلتۈرۈش نىيىتى ۋە خاھىشى جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئۇرۇش بولغان.

دوكلاتتا BBC بىر تۈركۈم ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇشتا ھەر خىل بومبىلارنى ئىشلەتكەن بولۇپ. بەزىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننىغا يېتىدىكەن.

ئامېرىكا بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئانالىزچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسى مارك گارلاسكو  نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەڭ چوڭ بومبا پارتلىغان ئورۇنغا يېقىن يەردە  يەر يۈزىدە دولقۇن پەيدا بولۇپ، دولقۇننىڭ زەربىسى شۇ ھامان يەر يۈزىنى سۇيۇقلاندۇرۇۋەتكەن. غەززەنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئاران 41 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ ھالەتتە بومبىنىڭ ۋەيران قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.

ئامېرىكا CNN نىڭ ئاخبارات باھالاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بويان 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە غەززەگە 29 مىڭدىن ئارتۇق بومبا تاشلىغان بولۇپ، بۇ بومبىلارنىڭ %45 ى نىشانسىز بومبا ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوللىغان ئىراق ئارمىيەسى بىلەن دائىشنىڭ ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى ئۇرۇش توققۇز ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇرۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 9000 دىن 11000 غىچە ئىكەن. بۇ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 دىن تۆۋەن پۇقرانىڭ ئۆلۈشىگە باراۋەر بولۇپ، 2014-يىلى دائىش بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغاندا، موسۇلنىڭ نوپۇسى 2 مىليوندىن تۆۋەن ئىكەن.

ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇكرائىنادىكى ئىككى يىلغا يېقىن داۋام قىلغان ئۇرۇشتىمۇ كەم دېگەندە 10 مىڭ پۇقرا قازا قىلغان.

دوكلاتتا ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش نىشانىنىڭ ھاماسنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ھاماسنىڭ قانچىلىك ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بەزى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ھاماس ئەزالىرى ئىچىدە 7000 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئىشغال ئارمىيەسى غەززەگە تاجاۋۇز قىلىپ، ھازىرغىچە 20 مىڭدىن كۆپ پەلەستىن خەلقىنى ئۆلتۈرگەن. 52 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىنغان، شۇنداقلا خارابىلىك ئاستىدا يەنە نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1536 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2023 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق