خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنى غەززە رايونىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان بارلىق پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشكە، غەززە خەلقىگە قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا چاقىردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رايونلۇق مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ھىبە مورايېف Heba Morayef 20-دېكابىردىكى كۈنىدىكى باياناتىدا ئىسرائىلىيە قولغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان خورلاش جىنايىتى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ھەربىي تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتۇلغانلارنىڭ سانى ياكى ئۆلۈش سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە تۇتقۇن قىلغان يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ يالىڭاچلانغان، كۆزلىرى لاتا بىلەن تېڭىلغان، قوللىرى باغلانغان ھالدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى ۋە نارازىلىق ئىنكاسلىرىغا جاۋاب بەرگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «غەززەدە 500 تېررورچىنى قولغا ئالدۇق» دېگەن باھانە بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنى بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، پۇقرالارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئىشغال ئارمىيەسى غەززەگە تاجاۋۇز قىلىپ، ھازىرغىچە 20 مىڭدىن كۆپ پەلەستىن خەلقىنى ئۆلتۈرگەن. 52 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران قىلىنغان، شۇنداقلا خارابىلىك ئاستىدا يەنە نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ