خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇردى

پاختىچىلىق كەسپى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پاختا يىپ سودا مەركىزىنى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-دېكابىر ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى، ئاتالمىش جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات-سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى بىرلىكتە تەسىس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك پاختا، پاختا يىپ سودا مەركىزىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە سودا مەركىزى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، كېۋەز تېرىشتىن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىغانلىقى، پاختا، پاختا يىپ سۈپىتى، داڭلىق ماركا ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىدىغانلىقى، پاختا، پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، ئىستېمال قاتارلىق ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، رايوندا پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

يوپۇق ئېچىش يىغىنىدا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز: «شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا، پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ئېكسپورت بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

شەرقىي تۈركىستان پاختىسى خىتاي ئاساسلىق تايىنىدىغان پاختا مەنبەسى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى پاختا بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ %20 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىمەكتە. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندىن سىرت، بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پاختا يىپ سودا مەركىزىنى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4155 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2023 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق