خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇردى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە يېزىلىرىدا خەلقنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم»نىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش خىزمىتى يېقىندا تاماملانغان بولۇپ، 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى، غۇلجا، تارباغاتاي، ئالتاي، بۆرتالا، قاراماي قاتارلىق 6 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 41 ناھىيە، شەھەر، رايون، 3 تەرەققىيات رايونىدا دائىملىق كۆزەتچىلىك قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس كۆزىتىشنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنى دەرىجە ئۆستۈرۈپ كۆزىتىدىكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ تەكىتلىشىچە، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى دىققەتنى كۆزىتىلىدىغان جايلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەش، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇقىملىقنى قوغداش»، ئاتالمىش «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور «خەۋپ-خەتەر»نىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2024-يىلى 5-فېۋرالغىچە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتكەنلىكىنى، مەزكۇر ئاتالمىش 19 كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3607 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2023 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق