ئەنگلىيە شىركەتلىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقان بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن 2024-يىلىغىچە كۈتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 2008-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە خىتايدا ياشىغان ۋە شېنجېندا سودا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئەنگلىيەلىك سودىگەر ئامېرىكا ئاۋازىغا: «مەن تۇنجى قېتىم خىتايغا بارغىنىمدا، كۆپچىلىك خىتاينىڭ كەلگۈسىگە ئىنتايىن ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولاتتى. ھەممىمىز خىتاينىڭ داۋاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىدىغانلىقى ۋە داۋاملىق ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدۇق. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار ئىدىم، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس» دېگەن.
مەزكۇر سودىگەر يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتايغا مەبلەغ سېلىش ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولغانلىقىنى، ئەمما 2020-يىلدىكى يۇقۇم ۋە قاتتىق كونترول سىياسىتى ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتى شېنجىندىكى نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، بۇ قېتىم خىتايدىكى گۈللىنىشنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى، خىتايدىن ئايرىلىشنى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى ۋىيېتنام قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكەشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىنكى سىياسىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمىگەن بولۇپ، خىتايدىكى قاتتىق كونترول چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان. شۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈنەرلىك چېكىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ