خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «توردا قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلدى» دېگەن باھانىلەر بىلەن ئېغىر جازالاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ج خ ئورگانلىرى توردىكى ئاتالمىش «قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەر» نامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان سەككىز تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 17-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ج خ ئورگانلىرى بۇ قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى، نىلقا ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، پوسكام ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا بېسىپ كىرىش، قانۇنسىز تىزگىنلەش دېتالى بىلەن تەمىنلەش دېلوسى، ئەپ دېتالدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دېتال كېلىشىمى تۈزۈش دېلوسى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا قانۇنسىز ئېرىشىش دېلوسى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى جىنايى ئىشلار بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى، بىر قىسمىغا مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما ئاتالمىش «تور بوشلۇقىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش» نامىدىكى بۇ ھەرىكەتتە جەريانىدا جازالانغان كىشىلەرنىڭ ئېنىق ئىسمى، نەچچە يىل كېسىلگەنلىكى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.
خىتاي رېجىمى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل ھالدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش، قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» دېگەندەك تۈرلۈك قالپاقلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ خىل ناملار ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ