خىتاي رېجىمى خەلقنىڭ پۇلىنى ئەركىن چىقىم قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئاتالمىش «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 18-دېكابىر «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر نىزام جەمئىي ئالتە باب، 60 ماددا بولۇپ، بۇ نىزام بىلەن بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بانكىدىن باشقا چىقىم كەسىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خېرىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خېرىدارلارنىڭ كۆپ خىل چىقىم راسچوت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقنىڭ پۇل-مېلىنى ئەركىن چىقىم قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مەزكۇر نىزام كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تۈلۈك ئاتالمىش نىزامنامىلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تېخىمۇ بوغۇشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەرقانداق نىزامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «بانكىدىن باشقا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن باستۇرۇش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ