شى جىنپىڭ قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىرنى ئالاھىدە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى

خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى كۇۋەيتنىڭ سابىق ئەمرى شەيخ نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەلجابىرنىڭ جىنازا نامىزىغا ئالاھىدە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتكەن.

كۇۋەيتنىڭ ئەلجەرىيدە ئورگان تورىنىڭ 18-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى سۈپىتىدە بارغان خىتاي «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى كۇۋەيتنىڭ ئەمرى شەيخ مىشئەل ئەلئەھمەد ۋە كۇۋەيت تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شەيخ سالىم ئابدۇللا ئەلجابىر ئەسساباھ 18-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋالغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى سەۋەبلىك يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئەيىبلەش ۋە ئېمبارگوغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا ئارقىغا چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن يالغان تەشۋىقات ۋە ھىيلە-نەيرەڭلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ قورچاق ئەمەلدار شۆھرەت زاكىرنى ئۆزىگە ئالاھىدە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىشىمۇ ئەنە شۇ رەزىل مەقسەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىۋاتقانلىقى»نى ئىسلام ئەللىرىگە بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئەڭ ۋەھشىي تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1617 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2023 15:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق