دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت

بۇ يىل «Quacquarelli Symonds» تەرىپىدىن دۇنيادىكى 104 دۆلەت ۋە رايوندىكى 1500 ئۇنىۋېرسىتېت 20-قېتىم كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈلۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت رەت تەرتىپى بويىچە ئېلان قىلىندى.

ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەت تەرتىپىنىڭ ئېلان قىلىنىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىنى يېڭى باشلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كەسىپلەرنى ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك تاللىيالىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

بۇ قېتىمقى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تاللاش خىزمىتى دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ 2024-يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپەت ئۆلچىمى ئاساس قىلىنغان خەلقئارالىق توققۇز مۇھىم ئۆلچەم ئاساسىدا تەكشۈرۈلۈپ رەتكە تۇرغۇزۇلغان. بۇ جەرياندا ئاكادېمىك سەۋىيەدە يېزىلغان 17 مىليون 500 مىڭ ئىلمىي ماقالە ئانالىز قىلىنغان. 240 مىليوندىن كۆپ ئاكادېمىك، ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى، ئىلمىي خادىم ۋە شىركەت ئىگىلىرىنىڭ پىكىر، كۆز قاراشلىرى ئېلىنغان.

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە ئامېرىكىنىڭ 27، ئەنگلىيەنىڭ 17، ئاۋسترالىيەنىڭ توققۇز، خىتاينىڭ بەش، كورىيەنىڭ بەش، ياپونىيەنىڭ تۆت، خوڭكوڭنىڭ بەش، فىرانسىيەنىڭ تۆت، كانادانىڭ ئۈچ، گېرمانىيەنىڭ تۆت، شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۈچ، گوللاندىيەنىڭ ئىككى، سىنگاپورنىڭ ئىككى، شىۋېتسىيەنىڭ ئىككى، مالايشىيانىڭ بىر، تەيۋەننىڭ بىر، ئارگېنتىنانىڭ بىر، بېلگىيەنىڭ بىر، رۇسىيەنىڭ بىر، يېڭى زېللاندىيەنىڭ بىر، بىرازىلىيەنىڭ بىر، مېكسىكىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتى بار بولۇپ، 23 دۆلەتكە مەركەزلەشكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1. ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتى (ئامېرىكا) Massachusetts Institute of Technology

2. كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Cambridge

3. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Oxford

4. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Harvard University

5. ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Stanford University

6. لوندون ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى (ئەنگلىيە) Imperial College London

7. زۇرىخ . شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە سانائەت ئىنستىتۇتى (شىۋېيتسارىيە) ETH Zurich . Swiss Federal Institute of Technology

8. سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (سىنگاپور) National University of Singapore

9. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University College London

10. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېركېلىي (ئامېرىكا) University of California, Berkeley

11. چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) University of Chicago

12. پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) University of Pennsylvania

13. كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Cornell University

14. مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of Melbourne

15. كالىفورنىيە سانائەت ئىنستىتۇتى (ئامېرىكا) California Institute of Technology

16. يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Yale University

17. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (خىتاي) Peking University

18. پىرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Princeton University

19. يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of New South Wales

20. سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of Sydney

21. تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى (كانادا) University of Toronto

22. ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) The University of Edinburgh

23. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Columbia University

24. پ س ل ئۇنىۋېرسىتېتى (فىرانسىيە) Université PSL

25. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (خىتاي) Tsinghua University

26. سىنگاپور نەنياڭ تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (سىنگاپور) Nanyang Technological University, Singapore

27. خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (خوڭكوڭ) The University of Hong Kong

28. جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Johns Hopkins University

29. توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى (ياپونىيە) The University of Tokyo

30. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، لوس ئانژېلېس (ئامېرىكا) University of California, Los Angeles

31. مىكگىل ئۇنىۋېرسىتېتى (كانادا) McGill University

32. مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) The University of Manchester

33. مىچگان ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) University of Michigan. Ann Arbor

34. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The Australian National University

35. بىرىتانىيە كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (كانادا) University of British Columbia

36. EPFL (شىۋېيتسارىيە) EPFL

37. مىيۇنخېن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (گېرمانىيە) Technical University of Munich

38. پارىژ سانائەت ئىنستىتۇتى (فىرانسىيە) Institut Polytechnique de Paris

39. نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) New York University

40. لوندون خان جەمەتى ئىنستىتۇتى (ئەنگلىيە) King's College London

41. سېئۇل دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (كورېيە) Seoul National University

42. موناش ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) Monash University

43. كىۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of Queensland

44. جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (خىتاي) Zhejiang University

45. لوندون ئىقتىساد ۋە سىياسىي پەنلەر مەكتىپى (ئەنگلىيە) The London School of Economics and Political Science

46. كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى (ياپونىيە) Kyoto University

47. دېلفت تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (گوللاندىيە) Delft University of Technology

48. غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Northwestern University

49. خىتاي خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (خوڭكوڭ) The Chinese University of Hong Kong

50. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى (خىتاي) Fudan University

51. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى (خىتاي) Shanghai Jiao Tong University

52. كارنىگى مېلون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Carnegie Mellon University

53. ئامستېردام ئۇنىۋېرسىتېتى (گوللاندىيە) University of Amsterdam

54. مىيۇنخېن لۇدۋىگ ماكىسىملىيان ئۇنىۋېرسىتېتى (گېرمانىيە) Ludwig. Maximilians. Universität München

55. بىرىستول ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Bristol

56. كورىيە ئىلغار پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى (جەنۇبىي كورېيە) KAIST . Korea Advanced Institute of Science & Technology

57. دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Duke University

58. تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) University of Texas at Austin

59. سوربون ئۇنىۋېرسىتېتى (فىرانسىيە) Sorbonne University

60. خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (خوڭكوڭ) The Hong Kong University of Science and Technology

61. كۇلېۋېن (بېلگىيە) KU Leuven

62. كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، سان دىياگو (ئامېرىكا) University of California, San Diego

63. ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) University of Washington

64. ئىلىنويىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇربانا (ئامېرىكا) University of Illinois at Urbana. Champaign

65. خوڭكوڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (خوڭكوڭ) The Hong Kong Polytechnic University

66. مالايا ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Malaya

67. ۋارۋىك ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) The University of Warwick

68. ئوكلاند ئۇنىۋېرسىتېتى (يېڭى زېللاندىيە) The University of Auckland

69. تەيۋەن دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (تەيۋەن) National Taiwan University

70. خوڭكوڭ شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (خوڭكوڭ) City University of Hong Kong

71. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى، ساكلاي (فىرانسىيە) Université Paris. Saclay

72. غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of Western Australia

73. بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Brown University

74. خان جەمەتى تېخنىكا ئىنستىتۇتى (شىۋېتسىيە) KTH Royal Institute of Technology

75. لىدس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Leeds

76. گىلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Glasgow

77. يونسېي ئۇنىۋېرسىتېتى (جەنۇبىي كورېيە) Yonsei University

78. دۇرھام ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) Durham University

79. كورىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (جەنۇبىي كورېيە) Korea University

80. ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتى (ياپونىيە) Osaka University

81. دۇبلىن ترىنىتى ئىنستىتۇتى (ئىرلاندىيە) Trinity College Dublin, The University of Dublin

82. جەنۇبىي ئامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Southampton

83. پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Pennsylvania State University

84. بېرمىنھام ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Birmingham

85. لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى (شىۋېتسىيە) Lund University

86. سان پاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتى (بىرازىلىيە) Universidade de São Paulo

87. لومونوسوۋ موسكۋا ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (رۇسىيە) Lomonosov Moscow State University

88. رۇپرېچ كارلس ھايدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى (گېرمانىيە) Ruprecht. Karls. Universität Heidelberg

89. ئادېلەيد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) The University of Adelaide

90. سىدنېي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (ئاۋسترالىيە) University of Technology Sydney

91. توكيو تېخنىكا ئىنستىتۇتى (ياپونىيە) Tokyo Institute of Technology

92. زۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى (شىۋېيتسارىيە) University of Zurich

93. بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Boston University

94. مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونوم ئۇنىۋېرسىتېتى (مېكسىكا) Universidad Nacional Autónoma de México

95. بۇئېنۇس ئايرېس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئارگېنتىنا) Universidad de Buenos Aires

96. سانت ئاندرېۋس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of St Andrews

97. گېئورگىيا سانائەت ئىنستىتۇتى (ئامېرىكا) Georgia Institute of Technology

98. بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (گېرمانىيە) Freie Universitaet Berlin

99. پۇردۇئې ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا) Purdue University

100. (1) پوھاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (جەنۇبىي كورېيە) Pohang University of Science And

100. (2) نوتىڭھام ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە) University of Nottingham

 

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 100 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىدە 65-ئورۇندا مالايشىيادىن ئىبارەت بىر ئىسلام دۆلىتى ئورۇن ئالغان. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 500 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىگە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ياكى خەلقئارادا ئىسلام دۆلەتلىرى دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 36 ئۇنىۋېرسىتېت كىرەلىگەن. بۇ تىزىملىككە تۈركىيەنىڭ جەمئىي ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتى كىرەلىگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 336-قاتارغا تىزىلغان. ئەڭ ياخشى 2-ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 404-ئورۇنغا، ئەڭ ياخشى 3-ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا 431-ئورۇنغا تىزىلغان.

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 500 ئۇنىۋېرسىتېت تىزىملىكىگە ئىسلام دۆلىتىدىن كىرەلىگەن 36 ئۇنىۋېرسىتېت تۆۋەندىكىچە:

137. مالايشىيا ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Sains Malaysia

143. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتى (سەئۇدى ئەرەبىستان)King Abdulaziz University

158. مالايشىيا پۇترا ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Putra Malaysia

159. مالايشىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Kebangsaan Malaysia

173. قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى (قاتار) Qatar University

180. پادىشاھ فەھدى نېفىت ۋە كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى (سەئۇدى ئەرەبىستان) King Fahd University of Petroleum & Minerals

188. مالايشىيا تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Teknologi Malaysia

203. پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى (سەئۇدى ئەرەبىستان)King Saud University

226. ئامېرىكا بېيرۇت ئۇنىۋېرسىتېتى (لىۋان) American University of Beirut

230. (1) ئەلفارابى قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (قازاقىستان) Al. Farabi Kazakh National University

230. (2) خەلىپە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) Khalifa University of Science and Technology

237. ھىندونېزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ھىندونېزىيە) Universitas Indonesia

263. گادژا مادا ئۇنىۋېرسىتېتى (ھىندونېزىيە) Gadjah Mada University

284. تايلور ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Taylor's University

290. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) United Arab Emirates University

300. UCSI ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) UCSI University

307. پېتروناس سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (مالايشىيا) Universiti Teknologi PETRONAS

310. ھاماد بىن خەلىپە ئۇنىۋېرسىتېتى (قاتار) Hamad Bin Khalifa University

315. كۇئەيد ئەزەم ئۇنىۋېرسىتېتى (پاكىستان) Quaid. i. Azam University

334. شەرىف سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىران) Sharif University of Technology

336. ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (تۈركىيە) Orta Doğu Teknik Üniversitesi

345. ئارلاڭگا ئۇنىۋېرسىتېتى (ھىندونېزىيە) Airlangga University

355. ل. ن. گۇمىليوۋ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى (قازاقىستان) L.N Gumilyov Eurasian National University

360. تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىران) University of Tehran

364. ئامېرىكا شارجاھ ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى) American University of Sharjah

367. ئىسلامئاباد دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (پاكىستان) National University of Sciences And Technology Islamabad

371. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى (مىسىر) Cairo University

375. ئەمىركەبىر سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىران) Amirkabir University of Technology

387. بىرۇنېي دارۇسسالام ئۇنىۋېرسىتېتى (بىرۇنېي) Universiti Brunei Darussalam

404. ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (تۈركىيە) İstanbul Teknik Üniversitesi

415. قاھىرە ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (مىسىر) The American University in Cairo

431. كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى (تۈركىيە) Koç Üniversitesi

451. ئىران پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىران) Iran University of Science and Technology

454. سۇلتان قابۇس ئۇنىۋېرسىتېتى (ئومان) Sultan Qaboos University

481. ساتبايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى (قازاقىستان) Satbayev University

489. IPB ئۇنىۋېرسىتېتى (a.k.a Bogor يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى) (ھىندونېزىيە) IPB University (a.k.a Bogor Agricultural University)

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1822 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2023 13:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق