گەنسۇ ۋە چىڭخەيدە يەر تەۋرەپ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرەپ، ھازىرغا قەدەر 118 ئادەم ئۆلۈپ، 400 گە يېقىن ئادەم يارىلانغان.

خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-دېكابىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، گەنسۇ لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. تەۋرەش مەركىزى جىشىشەن ناھىيەسىنىڭ ليۇگۇ يېزىسىدا بولۇپ، لىنشيا ئوبلاستى جىشىشەن ناھىيەسىگە سەككىز كىلومېتىر، لىنشيا شەھىرىگە 39 كىلومېتىر، لەنجۇ شەھىرىگە 102 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لەنجۇ، چىڭياڭ، پىڭلياڭ، تيەنشۈي، لۇڭنەن، دىڭشى، ۋۇۋېي، جىنچاڭ قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى روشەن بىلىنگەن. ھازىرغىچە يەر تەۋرەشتە گەنسۇدا 105 ئادەم ئۆلۈپ، 4782 ئېغىز ئۆي ۋەيران بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەر تەۋرەشتە 397 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك ئېغىر يارىدار 16، ئېغىر يارىدار 76، ئوتتۇرا دەرىجىلىك يارىدار 98، يېنىك يارىدار 207 گە يەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1493 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2023 13:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق