بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدە 5.5 بال يەر تەۋرىگەن.
خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 07:46 دە ئاتۇش شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.00 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.81 گىرادۇس) 5.5 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي رېجىمى ئىلگىرىكىدەكلا ئاپەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ