خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ يىل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىككى گۇمانلىق ھاۋا شارى يەنە پەيدا بولغان بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى سىزىقىدىن ئۆتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 18-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18-دېكابىر خىتاينىڭ گۇمانلىق ئىككى ھاۋا شارىنىڭ ئالدىنقى يەكشەنبە تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ھەربىي يېڭىلانمىلاردا ئاشكارىلىشىچە، 17-دېكابىر ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:03 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:43 مىنۇت ئۆتكەندە، گۇمانلىق ئىككى ھاۋا شارى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزىي سىزىقىدىن كېسىپ ئۆتكەن. تەيۋەننىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرىدىن تەخمىنەن 110 دېڭىز مىلى كېلىدىغان رايوندىن شەرققە قاراپ يۆتكەلگەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ شار تەخمىنەن 3230 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:36 ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:35 دە غايىب بولغان.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سۈن لىفاڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىككى شارنىڭ چوڭ رازۋېدكا شارىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، دەسلەپكى ئانالىزغا ئاساسلانغاندا بوشلۇقنى تەكشۈرۈش شارى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى شامال سەۋەبلىك خىتايدىكى بوشلۇق تەكشۈرۈش شارلىرىنىڭ تەيۋەن تەۋەلىكىگە ئۇچۇپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شارنى جاسۇسلۇققا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بۇ يىل 2-ئايدا خەلقئارالىق مەسىلە بولۇپ قالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا خىتاينىڭ رازۋېدكا شارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى، ئېھتىياتسىزلىقتىن يوقاپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ