ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دېھقانچىلىق ۋە يېزا خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار پەرھات روزى تەكشۈرۈلدى.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتى ئورگان تورىنىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا خىزمەت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى پەرھات روزى ئېغىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش باھانىسى بىلەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەتچىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پەرھات روزى 1960-يىلى نىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1986-يىلى 1-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. پەرھات روزى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان، 2015-يىلى مايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە مەمۇرىي كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. 2021-يىلى ماي ئېيىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دېھقانچىلىق ۋە يېزا خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ يىل 25-ئىيۇندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىدا مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
كۆزەتكۈچىلەر تارىختىن بېرى خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن، خىتايغا ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىگە شېرىك بولغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جازالانغان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ