خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى» 39 مىڭغا يەتكەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇرغان ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنى 39 مىڭغا يەتكەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 16-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى» نامىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن 39 مىڭىنى قۇرغانلىقىنى، رايوندىكى 103 مىڭ ئورۇننى قاپلىغانلىقىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسىنىڭ 4 مىليون 350 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا بۇ يىل جەمئىي 1115 مەيدان قېتىم تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېزا ئىشلەمچىلەر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، 213 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قورچاق مۇئاۋىن رەئىس ئىلدوس مۇراتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى 224 خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ساھەلەر بويىچە ئالاقىلىشىدىغان ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا بېرىپ، 900 قېتىمدىن ئارتۇق نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ جەرياندا 10 مىليون 150 مىڭ يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمى تەشكىللىگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى خەلقنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن يەرلىك خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئورگانلار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا ساتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر قاتارلىق تەمىناتلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2600 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2023 13:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق