جازالارغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتىدە رېكورت يارىتىلغان

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك، خەلقئارادا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بېسىم ۋە جازالارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى 11 ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 320 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.4 ئاشقان ۋە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 16-دېكابىر ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 300 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانغان خىتاي رېجىمى 2021-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئايلىق ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنى ئۇدا 25 ئاي ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇپ، تاشقى سودىدا كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ تېز ئېشىشى بۇ يىللىق شەرقىي تۈركىستان ئېكسپورتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى بولغان بولۇپ، ئېكسپورت قىممىتى 232 مىليارد 760 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %86 ىنى ئىگىلىگەن. مېتال كانى ھەم رۇدىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ۋە مىس ماتېرىياللىرى ئاساسلىق ئىمپورت قىلغان تاۋارلار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %82 ىنى ئىگىلگەن.

قەشقەر ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 77 مىليارد 150 مىليون يۈەن، 63 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 2ـ، 3-ئورۇندا تۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %80.8، %40.3 ئاشقان.

شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش بەش دۆلەتكە قىلىنغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىمۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.4 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %79.8 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى بولغان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستانغا قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.8، %32.1، %97.3 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر جىنايەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا سودا ھەجىمىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ھەرخىل يوللار ئارقىلىق خەلقئارانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىشلەتكەنلىكى بولسا، يەنە بىرىنىڭ چوڭ شىركەتلەر ۋە مال ئىمپورت قىلغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشىدىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇشىدىن، شۇنداقلا ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىن باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان ماللارغا بولغان كونتروللۇقنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەكشۈرمىگەنلىكىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2574 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2023 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق