ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ 16-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى غەززەدە ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننى خاتالىق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ئىسرائىلىيە خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپنى قوزغىغان. خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئاقساراي ئۆلگەن ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تېلئاۋىۋدا يۈزلىگەن كىشى ئىسرائىلىيە ھەربىي بازىسىنىڭ سىرتىدا نۆۋەتتە يۈز بەرگەن پاجىئەگە قارشى نامايىش قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمى توختىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن كېيىنكى قەدەملەرنى قانداق بېسىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1461 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2023 13:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق