خىتاي ئورگانلىرى ۋە كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىگە ئايفون چەكلىمىسىنى يولغا قويدى

خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئايفون ئىشلىتىش چەكلىمىسىنى يولغا قويۇشنى تېزلەتتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 17-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئورگانلىرى ۋە خىتاي شىركەتلىرى خىزمەتچىلىرىدىن ئايفون ۋە باشقا چەت ئەل ئۈسكۈنىلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاي رېجىمى چەت ئەل تېخنىكىسىغا تايىنىشنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇپ، بانكا قاتارلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلىتىۋاتقان دېتاللارنى يەرلىك يۇمشاق دېتاللارغا ئالماشتۇرۇشنى ۋە دۆلەت ئىچىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك ياساشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كەم دېگەندە سەككىز ئۆلكىسىدىكى بىر تۈركۈم دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆتكەن بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە خىزمەتچىلەرگە يەرلىك ماركىلىق يانفون ئىشلىتىشنى باشلاشنى بۇيرىغان بولۇپ، ئالما شىركىتى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايفون زاۋۇتى ئورۇنلاشقان جېجياڭ، شەندۇڭ، لياۋنىڭ ۋە مەركىزى خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى كىچىك شىركەتلەر ۋە ئورگانلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاغزاكى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەم دېگەندە ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خىزمەتچىلىرىدىن خىزمەت داۋامىدا ئايفون ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2023 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق