خىتاي لاداخنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ھىندىستان سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ چېگرا تالاش-تارتىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى تەرەپ چېگرا تالاش-تارتىشىنىڭ مەركىزى بولغان لاداخنىڭ قانۇنىي ئورنى توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى رەت قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ھىمالايا رايونىدىكى زېمىن تەلىپى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ لاداخ مەركىزىي تېررىتورىيەسىنىڭ تەۋەلىكى ھەققىدە چىقارغان قارارىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلىپ باقمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدە چىقارغان ئەدلىيە قارارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ چالۋاقىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باياناتچىسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزى 11-دېكابىر ھىندىستان سوتى ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى بىكار قىلىش قارارىنى قوللىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زېمىن تالاش-تارتىشى قىلىۋاتقان مەركىزى ئورۇن بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ھىندىستان سوتىنىڭ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بۇ رايوننىڭ جاممۇ، كەشمىر ۋە لاداختىن ئىبارەت ئۈچ باشقۇرۇلىدىغان رايونغا بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلدارلار خىتاينىڭ ئىنكاسىغا باھا بېرىشنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ سۆزىدە ھېچقانداق يېڭىلىق يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل سۆزلەرنى ئەزەلدىن تەكرارلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىشى كۈچەيگەن بولۇپ، ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. خىتاي ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى بازىسىنى زور خىراجەت بىلەن يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن گالۋان ۋادىسىغا يېقىن (2020-يىلىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي) تىبەتنىڭ رىتۇ ناھىيەسىدىكى پانگۇڭ تسوغا يېقىن جايدا يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى ياسىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ