بەشبۇرجەكلىك بىنا: كىرىمنىي جىلغىسى خىتاينى مەغلۇپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتېرىن ھىكىس كىرىمنىي جىلغىسىنى زىيارەت قىلىپ، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقا ئاساستا يېڭىلىق يارىتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر بىيۇروكراتلىق جەريانلارنىڭ ئارمىيەنىڭ پەن-تېخنىكا مەركەزلىرىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ جەريانلارنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھىكىس بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىككى يىللىق مەبلەغ دەۋرىيلىكىنىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ توپلاش ۋاقتىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر تارماقلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپىدە خىتاي بىلەن رىقابەتلەشمەكچى بولسا كەشپىياتچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1132 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2023 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق