كورىيە خىتايغا ئۆزەك تېخنىكىسىنى ئاشكارىلىغان پۇقراسىنى قولغا ئالدى

كورىيە سوتى خىتايغا ئۆزەك تېخنىكىسىنى ئاشكارىلىغان سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسىنى قولغا ئالدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كورىيە ساقچىلىرى سانائەت جاسۇسلۇقىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، سېئۇل مەركىزىي رايونلۇق سوت 15-دېكابىر سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسىنى يادرولۇق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ كىم فامىلىلىك سابىق بۆلۈم باشلىقى بىلەن فاڭ فامىلىلىك ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ 18 نانومېتىرلىق «DRAM Memory» يادرولۇق تېخنىكىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچى «چاڭ»غا قانۇنسىز يۆتكەش ئارقىلىق، كورىيەنىڭ «سانائەت تېخنىكىسىنى قوغداش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلدى. دەپ ئەيىبلەنگەن.

كورىيە تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنگۈچىلەر 2016-يىلى چاڭشىن ئىچكى ساقلىغۇچ بۆلۈمىگە خىزمەت ئالماشتۇرغاندا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ كېتىپلا قالماي، يەنە باشقا يەتتە يادرولۇق تېخنىكىلىق ئۇچۇرنى خىتايغا ئاشكارىلاش بەدىلىگە مال-مۈلۈككە ئېرىشكەن.

كورىيە تەپتىش ئەمەلدارى يەنە كىم فامىلىلىك سابىق ئەمەلدارنىڭ 500 مىليون ۋون (تەخمىنەن 385 مىڭ دوللار) ئىش ھەققى بېرىپ، سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەردىن 20 دىن ئارتۇق تېخنىكا خادىمنى ئېلىپ كەتكەن، دەپ قارايدىكەن.

«كورىيە ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېخنىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان زىيان تەخمىنەن 2 تىرىليون 300 مىليارد ۋون (1 مىليارد 800 مىليون دوللار) بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ دېلو سامسۇڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردىكى باشقا ئون نەچچە ئادەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1710 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق