خىتاي يەنە بىر قېتىملىق قىسقا سىنلارنى تۈزەش ھەرىكىتى باشلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىر قىسىم قىسقا سىن ئۇچۇرلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ئاتالمىش «قىسقا سىنلاردىكى ناچار مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان تورىدا 12-دېكابىر ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئاتالمىش «قىسقا سىن ئۇچۇر مەزمۇنى يېتەكچىلىكىدىكى ناچار مەسىلىلەرنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقا سىن ساھەسىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان، تەكرار يۈز بېرىدىغان قالايمىقانچىلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۈچ تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ئۇقتۇرۇشتا مەركەزلىك تۈزەشتىكى ئۈچ تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىنىڭ قىسقا سىندا ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، قىسقا سىندا نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى كۆرسىتىش، قىسقا سىندا خاتا قاراشلارنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق قىسقا سىن ساھەسىدىكى قىممەت يېتەكچىلىكىنىڭ قېلىپتىن چىقىپ كېتىشى ۋە ناچار مەزمۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق قالايمىقانچىلىقلارنى مەركەزلىك تۈزەپ، قىسقا سىن سۇپىسىنىڭ مەزمۇن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي رېجىمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيەتكە ئالاقىدار سىن ۋە ئۇچۇرلارنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ئالاقىدار سىنلارنى ۋە ئاتالمىش خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە قاتتىق يولغا قويۇلغان يولسىز تەدبىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك قىسقا سىن تارقاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمى بەزى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرىكەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىشىنىڭ نەچچە ھەسسە قاتتىق بولىدىغانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇنى ھەقىقىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە قايتا كۆتۈرۈپ چىققان ئاتالمىش «قىسقا سىن ئۇچۇرلاردىكى ناچار مەسىلىلەرنى تۈزەش» ھەرىكىتىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ شەپىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1584 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2023 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق