خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە سۆز-ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شياۋگاڭ 14-دېكابىر خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە جەنۇبى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىش مەسىلىسى بارغانچە كۈچەيگەن بولۇپ، مۇخبىر جاڭ شياۋگاڭدىن خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ «گىففوز» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ رېنئەي خادا تېشىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇن بويىچە جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىق پائالىيەت قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرگە باياناتچىنىڭ قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى سورىغان.
جاڭ شياۋگاڭ جاۋابىدا رېنئەي خادا تېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىپارتلى تاقىم ئاراللىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز رېنئەي خادا تېشىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
جاڭ شياۋگاڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ، ئامېرىكا ھەرقانداق ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى ئىرادىسىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى «خەلقئارا سۇ رايونى» دەپ جاكارلىشى تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكىنى تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ