ئامېرىكا پارلامېنتى 14-دېكابىر 2024-يىللىق 866 مىليارد دوللارلىق «دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا ھوقۇق بېرىلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى يىللىق مۇداپىئە خامچوتىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ خامچوت 2023-يىلىدىكىدىن %3 ئاشۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئون مىليارد دوللار ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتايغا قارشى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ خىراجەتنىڭ يەنە بىر قىسمى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقان خەلقئارالىق ئېلېكتىرونلۇق كۆزىتىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.
ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى رودجېرس بۇ ھەقتە: «دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك مۇھىم بولۇپ باقمىدى. ئامېرىكا ۋە بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز خىتاي، رۇسىيە، ئىران، شىمالى كورېيە ۋە دۇنيادىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە» دېگەن.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەھبىرى شۇمېر چارشەنبە كەچتە قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن: «بىز ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى بايلىقلىرىمىزنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇپ، تەيۋەن ئارمىيەسىنى بايلىق بىلەن تەمىنلەيمىز. سۈنئىي ئىدراك ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ چەت ئەل تور تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە نامەلۇم رايون ھادىسىلىرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 3000 بەتتىن ئاشىدىغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردەم پىروگراممىسىنىڭ ئۇكرائىناغا بېرىدىغان ياردەمنىڭ 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىشىغا ھوقۇق بېرىدىكەن ھەمدە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇكرائىناغا 300 مىليون دوللارلىق ياردەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھوقۇق بېرىدىكەن. بۇ سان پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۇكرائىناغا ئوتتۇرىغا قويغان 61 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم پىلانىدىكى ساندىن كۆپ ئاز ئىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا جىددىي ياردەم بېرىش تەلىپى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىش ئۈچۈن چەكلىمىگە ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ