خىتاي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش زەنجىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى ئارقىلىق ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش زەنجىرىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا.

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غايەت زور ئەزا كۆچۈرۈش كەسپى تىرىك كىشىلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىشقا چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان كۆچۈرۈش باياناتچىسى خۇاڭ جىفۇ 9-دېكابىر گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇنبىرىدە، خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر باياناتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ گۇمانىنى قوزغىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خۇاڭ جىفۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ تاشقى دۇنيادا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىرىك ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتىنىڭ ئىجراچىسى دەپ تونۇلغان. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىرىك ئادەملەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ياردەم بەرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇ شۇ كۈنى ئاتالمىش ​​«7-نۆۋەتلىك خىتاي-خەلقئارا ئورگان ئىئانە قىلىش يىغىنى» ۋە «بىر بەلباغ بىر يول»، «ئىئانە قىلىش ۋە كۆچۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى»دە، «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئاساسەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئورگان كۆچۈرۈش ئىشلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئوبزورچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا بايقالغان نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سىياسىي مەھبۇسلار، ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1829 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق