خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) تەرىپىدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشى ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىندى.
يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى كىشى ئىستانبۇلدا ئىجرا قىلىنغان “KAFES-20” ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ بىرى بېلگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك تارقىتىشنى تەشكىللەيدىغان ئەنگلىيە پۇقراسى زاكىر مىيا مۇھەممەد ئىسىملىك شايكىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ، يەنە بىرى «ۋىيېتنامدا باشقىلارنى ئېغىر يارىلاندۇرۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان چېن شۆفېڭ ئىسىملىك خىتاي ئىكەن.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا مەزكۇر ئىككى جىنايەتچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «قەپەس-20» ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «مەيلى قانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى خىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقىمىزنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان يەرلىك ۋە ۋە خەلقئارالىق تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلار ۋە شايكىلارغا نەپەس ئالدۇرمايمىز» دېدى.
ئىستانبۇل زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش باشقارمىسى، ئىستىخبارات ۋە كۆچمەنلەر ئەتكەسچىلىكى ۋە چېگرا رايون شۆبە باشقارمىلىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان مەزكۇر ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنغان ئىككى كىشى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان دۆلەتلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، چېن شۆفېڭنىڭ ۋىيېتنامغا تاپشۇرۇپ بېرىلىش ئىشلىرىمۇ تاماملانغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر