خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا 15 مىڭ شىركەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتكەنلىكى»نى تەشۋىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا 15 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 14-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى 2012-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلارغا ئاتالمىش «ئۆزئارا گىرەلەشكەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى تۇرالغۇ، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۈندىلىك ھالقىلاردىن باشلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى» ھەققىدە ماختانغان.

خەۋەردە يەنە: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن شەھەرلەر كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېيىلگەن.

ئالدىنقى يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان-ئىشچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاتالمىش «يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەر قايتا تەكرارلانغانىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن يەرلىك خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر قاتارلىق تەمىناتلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3138 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2023 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق