ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل ئاتالمىش «شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى نى باشلاپ، 4-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە جەنۇبىي ئافرىقا، سېنېگالدا زىيارەتتە بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن سېنېگال خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى مەملىكەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى داكوتا لېگېت، جەنۇبىي ئافرىقا كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باش خەزىنىچىسى كوچوئىس مورويى موروپا، خاۋدېن ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئېنتونبى مېگۋىي، سېنېگال خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئامادو مام دىئوپ، بىرىنچى مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئىبراھىما بابا سال، ئۈچىنچى مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى مالىك دىئوپ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئالماشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى، ئەقىل ئامبىرىدىكى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.
زىيارەت داۋامىدا قورچاق ئەمەلدار زۇمرەت ئوبۇل شەرقىي تۈركىستاننى نۆۋەتتىكى رېئاللىقىغا زىت يالغان سەپسەتىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىگەن غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
خىتاي رېجىمى مەيلى شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەللەردىن ھەرخىل نامدا ئۆمەك تەشكىللەپ، ئالدىن تەييارلانغان يالغان سەھنىلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسۇن، مەيلى ئۆزلىرى چەت ئەللەرگە چىقىپ تەتۈر تەشۋىقات ئارقىلىق ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ