بايدېن: ئىسرائىلىيە خەلقئارادىكى قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماس بىلەن بولغان ئۇرۇشىدا قوللانغان قالايمىقان بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى قوللىغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئومۇمىي كېڭەشتە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بېلەت تاشلانغانلىقىنى، بىلەت تاشلاشتا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەقەت ئون ئەزا دۆلەتلا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بايدېننىڭ بۇ باھاسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى بىگۇناھ خەلقنى قوشۇپ قالايمىقان بومباردىمان قىلىشى سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ غەززە مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت رامكىسى ئاستىدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلىشىشنى رەت قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانياھۇ ئىلگىرى قىلغان نەچچە قېتىملىق سۆزىدە، ئۇرۇشتىن كېيىن غەززە رايونىنىڭ مەھمۇد ئابباس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا كىرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1276 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2023 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق