خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەندىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى سايلىغۇچىلارنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئەسكەرلىرى تەيۋەن ئارىلىغا يېقىنلاشقان.
ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئەسكەرلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ سەزگۈر نۇقتىلارغا كىرمەكچى بولغان تۆت قېتىملىق ئۇرۇنۇشىنى بىتچىت قىلغان.
تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بۇ ھەرىكەتنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇھىم سايلامدىن ئىلگىرى سايلىغۇچىلارنى قورقۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىغان بولۇپ، تەيۋەن ئەمەلدارلىرى يەنە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى تەيۋەندىكى سايلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغان پىرېزىدېنت نامزاتلىرىنى قوللىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، قەرەللىك ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولغاندىن سىرت، تەيۋەن ئىچىدە خىتايپەرەس سىياسەتچىلەرنى قوللاش ئارقىلىق خەلقنى كومپارتىيەگە مايىل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ