ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئېغىر كىرىزىس ئەۋجىگە چىققان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە قارار چىقارغان.
مەزكۇر ئاۋاز بېرىشتە 193 ئەزا دۆلەت ئىچىدە 153 دۆلەتنىڭ قوللىشى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ قارشى بېلەت تاشلىشى، 23 دۆلەتنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن بۇ قارار ماقۇللانغان بولۇپ، قاراردا غەززەدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشە ئىپادىلەنگەن. ئاخىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان.
ھاماس سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى غەززەنىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان بولۇپ، كەم دېگەندە 18 مىڭ 400 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، غەززەدىكى 2 مىليون 400 مىڭ ئاھالە ئىچىدىكى 1 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەرگەردانغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى بالىلار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ