گەرچە خىتاي-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ھەل بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا بۇتان چېگراسىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى كېڭەيتىپ، ھىندىستاندا ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە خان جەمەتى خەلقئارا ئىنستىتۇتى «Chatham House» ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا: «9-ئايدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسەن، خىتاي ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىدىكى بۇتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگرادا يېڭى ئولتۇراق رايون قۇردى» دېيىلگەن.
دوكلاتتا، بۇتاننىڭ چەت ياقىسىدىكى ياكارۇڭ ۋادىسى بايۇر كېمفاگۇڭ رايونىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت چېگرا كېلىشىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ زېمىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر بۇتان بۇ مەسىلىدە خىتايغا يول قويسا، خىتاي ئىگىلىۋالغان يەرلەردىن ۋاز كەچكەن بولىدىكەن.
ھالبۇكى، بۇتاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى مۇئاۋىن باش ئەلچىسى تاشى پېلدون مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
شىۋىتسىيە بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات سىياسىتى ئىنستىتۇتى ئىستوكھولم مەركىزى ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور جاگاننات پاندا نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي چېگرا رايونلىرىدا توختىماي ھەربىي ۋە پۇقراۋى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەنت قۇرغان. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بېرى، خىتاي بۇ ھەرىكىتىنى ھىندىستان چېگراسىغا يېقىن رايونلاردا بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ 2016-يىلى خىتاي ئارمىيەسى ئىسلاھات قىلىنىپ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ھىندىستان خىتاينىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيەسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ