خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا 50 «يېشىل كان» قۇرۇپ چىققان

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بارغانچە كاساتلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىل ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك 50 «يېشىل كان» قۇرغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى بۇ يىل ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك يېشىل كان تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ غۇلجا يوڭنىڭ كۆمۈر ۋە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ پەنجىن سانائەت كۆمۈر كانى قاتارلىق 31 كاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «يېشىل كان»لارنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %82 ئاشقان. كان تۈرى جەھەتتە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېچىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ تۈردىكى كانلارنىڭ سانى 25 گە يېتىدىكەن. ئۇندىن قالسا كۆمۈر كانلارنىڭ سانى 18 گە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، رايوندا ئۈچ ھاك تېشى كانى، ئىككى تۆمۈر كانى ۋە بىر تۇز كانى ۋە بىر قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان قۇم كانى بار ئىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «يېشىل كان» تاللاش ھەرىكىتىنى قەرەللىك ھالدا يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئاچقان يېشىل كانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 111 كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك كاندىن 61، رايون دەرىجىلىك كاندىن 50 ى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئىلتىماس ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈلۈۋاتقان ۋە پات يېقىندا نەق مەيدان تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدىغان 10 كان بار ئىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى تەبىئىي بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تالان-تاراجنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولسا نامراتلىق، موھتاجلىق ئىچىدە ياشىماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2712 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2023 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق