تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندى

تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاندى
13-ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان «ئۈچنى يەتكۈزۈش، ئالتىنى بايان قىلىش» جەدۋىلىدىكى مەزمۇلارغا ئاسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىدىيە جەھەتتە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
جەدۋەل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىگە تەۋە دۆلەتباغ ئاھالە كومىتېتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، جەدۋەلدىكى ئۈچنى يەتكۈزۈشنىڭ مەزمۇنى بولسا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەكىزى»گە تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ سەۋەبىنى يەتكۈزۈش، كومپارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈش، «تەربىيەلەش مەركىزى»گە تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ مەقسىتى خەلقنى قۇتقۇزۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئالتىنى يەتكۈزۈشنىڭ مەزمۇنى بولسا ئاتالمىش «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى»گە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبىنى ئوچۇق بايان قىلىش، قاتتىق زەربە بېرىش پائالىيىتىنى ئوچۇق بايان قىلىش، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى ئوچۇق بايان قىلىش، ئىدىيەدە زەھەرلەنگەن كىشىلەرنى ۋاقتىدا داۋالىمىسا ئائىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىش، خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەكىزى»گە تۇتقۇن قىلىش نىشانىنىڭ ياردەم قىلىش ھەمدە قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىش، قانۇنسىز قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا دائىم جازا بېرىلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىش قاتارلىقلار ئىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى مەزكۇر جەدۋەلدىكى مەزمۇنلارنى ئىدىيە جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
كۆزەتكۈچىلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1076 قېتىم كۆرۈلدى
14/10/2019 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق