فىلىپپىن خىتاي باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقىرىشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈردى

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان ۋە باش ئەلچىنى قوغلاپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى فىلىپپىننىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خۇاڭ شىليەننى مىنىستىرلىققا چاقىرتقانلىقنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ سوقۇلۇشى ھەققىدىكى سىندا كۆرسىتىلىشچە، فىلىپپىننىڭ بىر قانچە پاراخوتى 9- 10-دېكابىر كۈنلىرى سىكاربورو ئارىلى ۋە ئىككىنچى توماس ئارىلىغا نەرسە-كېرەك يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي پاراخوتىنىڭ سۇ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتى 10-دېكابىر ئىككىنچى توماس ئارىلىغا يېقىن فىلىپپىن پاراخوتى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىشتاب باشلىقى رومىئو براۋنېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي پاراخوتى ئۇ ئولتۇرغان پاراخوتقا سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋەقەدە يارىلانمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 11-دېكابىر پاراخوت سوقۇلۇش مەسىلىسىگە چۈشەنچە بېرىپ: «فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتى، رەسمىي پاراخوت ۋە ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى خىتاينىڭ رۇخسىتىسىز خىتاي زېمىنى نەنشا تاقىم ئارىلىدىكى رېناي رېفقا بېسىپ كىردى» دەپ چالۋاقىغان. ئۇ يەنە يېقىنقى تاسادىپىي ۋەقەلەر رېناي دېڭىز قىرغىقىدا كۆپ قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي فىلىپپىن تەرەپتە ئىكەنلىكىنى، كېلىپ چىققان ۋەقەلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى فىلىپپىننىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1070 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2023 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق