ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خوڭكوڭ سودا ئىشخانىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكا پارلامېنتىنى قانۇن چىقىرىپ، خوڭكوڭ ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنى تېزدىن تاقاشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى كىرىس سىمىس 11-دېكابىر بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ، پارلامېنتى «خوڭكوڭ ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش قانۇنى»نى تېزرەك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پىرېزىدېنتنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، خوڭكوڭ ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىك ئورنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇبىئو بىلەن سىمىس ئاۋام پالاتاسىدا ئىلگىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئورتاق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ماقالىسىدە: «خوڭكوڭ ئىلگىرى شەرقىي ئاسىيادا ئەركىنلىكنىڭ ماياكى ئىدى، ئەمما نۆۋەتتە خوڭكوڭنىڭ ئەسلى ھالىتى مەۋجۇت ئەمەس. خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە جاپا تارتقانلار نۆۋەتتىكى زۇلۇم رېئاللىقىغا يۈزلىنىشىمىز ۋە سىياسەتنى تەڭشىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇلار يەنە: «بۈگۈنكى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىدىغان بېلارۇسىيە، كۇبا ۋە بېرما قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1021 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2023 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق