ئەردوغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى، سىپرۇس تۈركلىرى بىلەن ئىراق تۈركمەنلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئايرىمچىلىق ۋە ھېچقانداق پەرق يوق ۋە بولالمايدۇ» دېدى.

10-دېكابىر «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىنسان ھەقلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن 9-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى: ئىنسانىيەتنىڭ يۈزى» ناملىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆز قىلدى ۋە نۆۋەتتە دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئەردوغان بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە قىلغانلىرىنى ۋە بۇندىن كېيىن قىلىدىغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، غەززە خەلقى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرى پەقەتلا ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قەتلىئامىغا ھەسسە قوشقان، قوللىغان، سۈكۈت قىلغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋەزىپىسى دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى قوغداش ۋە قوللاش كېڭىشىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «نە "دەرھال ئۇرۇش توختىسۇن" دەپ ئاۋاز بەرگەن ب د ت غا ئەزا 121 دۆلەتنىڭ ئىرادىسى، نە ب د ت باش كاتىپىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى، نە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۆتكۈنچى ئەزالىرىنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقلىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە يەتمىدى» دېدى ۋە ب د ت نىڭ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان قۇرۇلمىسىنىڭ چوقۇم ئۆزگەرتىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە: «بالقانلاردىن كاۋكازغىچە، ئاراكاندىن تۈركىستانغىچە ۋە قىرىمغىچە قەيەردە ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان، زۇلۇمغا ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان بىر قېرىندىشىمىز بولسا، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. ئىلگىرىمۇ ئېيتقىنىمدەك، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى، سىپرۇس تۈركلىرى بىلەن ئىراق تۈركمەنلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق ئايرىمچىلىق ۋە ھېچقانداق پەرق يوق ۋە بولالمايدۇ» دېدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1767 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2023 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق