خىتاي تىك ئۇچار بۇلاش ئۈچۈن تەيۋەنلىك ئۇچقۇچىغا 15 مىليون دوللار پارا بەرمەكچى بولغان

خىتاينىڭ تەيۋەنلىك پودپولكوۋنىك ئۇچقۇچىغا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «CH-47 Chinook» تىك ئۇچار ئايروپىلاننى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئاۋىياماتكىغا قوندۇرۇشى ئۈچۈن 15 مىليون دوللار پارا بەرمەكچى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلاندا پودپولكوۋنىك ئارالغا يېقىن ھەربىي مانېۋىر جەريانىدا چىنوك تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى بۇلاپ قاچماقچى بولغان. بۇ پىلان توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار 11-دېكابىر تەيۋەن سوتىدا ئاشكارىلانغان بولۇپ، تەيۋەن ئالىي سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەييارلىغان ئەيىبنامىدە، ئۇچقۇچىنىڭ 2023-يىلى 6-ئايدا خىتاي جاسۇسلىرى بىلەن يېقىنلاشقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەيىبنامىدە «ئۇچقۇچى تىك ئۇچار ئايروپىلاننى دېڭىز قىرغىقى بويىدىكى تۆۋەن بوشلۇقتا، 24 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى سۇدا مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكىسىغا قوندۇرۇشقا بۇيرۇلغان» دېيىلگەن.

گەرچە ئۇ دەسلەپتە بۇ پىلاننى بەك خەتەرلىك دەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئۇ قوشۇلسا 15 مىليون دوللار بېرىلىدىغانلىقى ۋە كېلىشىمنىڭ زاكالىتى سۈپىتىدە ئالدىن بىر مىليون دوللار بېرىش تەكلىپىگە ئۇنىڭ قايىل قىلىنغانلىقى ئەيببنامىدە ئورۇن ئالغان.

خىتاي يەنە ئۇچقۇچىغا ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تايلاند ۋىزىسى ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ يەنە خىتايدىن ھەر ئايدا 6355 دوللار مائاش ئالىدىغانغا پۈتۈشكەن. 15 مىليون دوللار بولسا ئايروپىلاننى بۇلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پىلان بىرىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن توسۇپ قېلىنغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بىلەن ئۇچقۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن پېنسىيەگە چىققان تەيۋەنلىك ھەربىي ئەمەلدارمۇ قولغا ئېلىنغان.

سوتنىڭ ئەيىبنامىسىدە «مەزكۇر پاش قىلىش ئامېرىكا ياسىغان ئايروپىلاننىڭ كوممۇنىست خىتاي رېجىمىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى» دېيىلگەن بولۇپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇچېڭ 11-دېكابىر بىخەتەرلىككە خىلاپلىق قىلىش توغرىسىدا سوراق قىلىنغان. چيۇ كۇچېڭ سۆزىدە: «مەنمۇ بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئازابلاندىم، ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغانلار چوقۇم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1242 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2023 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق